
🔴 10 مىڭ ئۇيغۇرنى قۇتقۇزۇش قارارى: كانادانىڭ M-62 قارارى نېمىشقا ئاستا ئىجرا قىلىنماقتا؟ بۇ قېتىمقى Uycast پىروگراممىمىزدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى، كانادادىكى ئۇيغۇر ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشىنىڭ رەئىسى مەمەت توختى ئەپەندى بىلەن مەخسۇس سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. سۆھبەتتە كانادانىڭ 10 مىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلماننى قوبۇل قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك M-62 قارارىنىڭ ئىجرا ئەھۋالى، ئورۇنلاشتۇرۇش جەريانىدىكى توسالغۇلار ۋە خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ تەقدىرى مۇھاكىمە قىلىندى. 🎧 تولۇق سۆھبەت Spotify، Apple Podcasts ۋە YouTube دا. ئۇلىنىشلار Bio دا!


